ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۆمۈر يول تورى قۇرۇلۇشى تارماق تور باسقۇچىغا ئۆتكەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022-01-11
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقسۇ شەھىرىدىن بىڭتۇەننىڭ 1-دېۋىزىيەسى جايلاشقان ئارال شەھىرىگە تۇتىشىدىغان يېڭى تارماق تۆمۈر يول لىنىيەسى رەسمىي قاتناش باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئاۋات ناھىيەسى ۋە ئارال شەھىرىنىڭ تۆمۈر يول ئارقىلىق ئاقسۇغا باغلىنىشى تولۇق ئەمەلگە ئاشقان. خەۋەردە بۇنى «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ قوشۇلۇشىنى تېزلىتىشتىكى بىر مۇھىم قەدەم» دەپ ئالاھىدە تەرىپلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاۋات ناھىيەسى ئارقىلىق ئارال شەھىرىگە بارىدىغان بۇ تۆمۈريول لىنىيەسى 114 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، يولۇچى ۋە يۈك توشۇشنى ئاساس قىلىدىكەن. كورلا تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى جاڭ جىۋېي بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ لىنىيە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن بەكمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە. يەنە بىر ياقتىن بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە يۇقىرى سۈپەتتە خىزمەت قىلىدۇ» دېگەن.

بىر قىسىم چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى «دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت» دەپ ئاتاۋاتقان بىڭتۇەن سىستېمىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇش ھەركىتىنى ئىجرا قىلىشىدىكى، شۇنداقلا لاگېر سىستېمىسىنىڭ كېڭىيىشىدىكى ئاۋانگارت قىسىم بولۇپ، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن بىڭتۇەنگە ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىگە جازا ئېلان قىلغانىدى. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا بىڭتۇەن سىستېمىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاپتونومىيە سىستېمىسىنى كونترول قىلىشىدىكى مۇھىم كۈچ، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا ھالدا «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش» ھەققىدە سۆز قىلىشى نۆۋەتتىكى مەۋجۇت ئاپتونومىيە سىستېمىسىنى تەدرىجىي ھالدا بىڭتۇەن سىستېمىسى بىلەن بىر گەۋدە قىلىپ يۇغۇرۇشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى بۇزۇپ تاشلاش لازىم» دەيدىغان تەشۋىقاتلىرىمۇ بۇنىڭ بىر تۈرلۈك ئىسپاتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاساسلىق تۆت چوڭ تۆمۈر يول غول لىنىيەسى «شەرقىي شىنجاڭ ئايلانما لىنىيەسى»، «شىمالىي شىنجاڭ ئايلانما لىنىيەسى»، «تەڭرىتاغ ئايلانما لىنىيەسى» ۋە «جەنۇبىي شىنجاڭ ئايلانما لىنىيەسى» دېگەن ناملاردا ئايرىم-ئايرىم ھالدا پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنى تۆت چوك ھالقىسىمان تور شەكلىدە ئوراپ بولغان. نۆۋەتتە مۇشۇ خىلدىكى تارماق تۆمۈريوللار بۇ ھالقىلارنى تېخىمۇ زىچ ھالدا بىر-بىرىگە باغلاشقا يۈزلەنمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت