خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۆمۈر يول ئارقىلىق كۆمۈر يۆتكەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.01.16

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈرىنى گازغا ئايلاندۇرۇپ تۇرۇبا ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشتىن سىرت، تۆمۈر يول ئارقىلىق خام كۆمۈر يۆتكەش ئىقتىدارىنىمۇ ئۆستۈرگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 15-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ غەربىدىكى خىتايچە جياڭجۈنمياۋ بېكىتى دەپ ئاتالغان جاي بىلەن قۇمۇلدىكى نوم يېزىسى   ئارىسىدا رەسمىي تۆمۈريول قاتنىشى باشلانغان بولۇپ، 429.9 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ تۆمۈر يول خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تۆمۈريول ئارقىلىق كۆمۈر يۆتكەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 15-يانۋار بەرگەن خەۋىرىدە، 2021-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بۇ تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشىشىنىڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش رايونى كۆمۈرلىرىنى خىتايغا يۆتكەشتە ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىش مۇساپىسىنى 28 پىرسەنت، يۆتكەش ۋاقتىنى 30 پىرسەنت قىسقارتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش رايونىنىڭ كۆمۈر زاپاس مىقدارى تەخمىنەن 390 مىليارد توننا بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى 5-چوڭ كۆمۈرلۈك، شۇنداقلا خىتايدىكى 14-چوڭ تىپلىق كۆمۈر بازىسى ھېسابلىنىدىكەن. شەرقىي جۇڭغار ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش رايونى ئىلگىرى خەلقئارا مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان. خىتاينىڭ نۇرغۇن كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى جايلاشقان بۇ رايوندىن نۇرغۇن زەھەرلىك كاربون گازى ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىپ، يەر شارى ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشىنى كونترول قىلىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

نۆۋەتتە، خىتاينىڭ «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش»، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈرىنى گازغا ئايلاندۇرۇپ تۇرۇبا ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشتىن سىرت، تۆمۈر يول ئارقىلىق كۆمۈر يۆتكەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشمۇ، ئۇنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارالماقتا.  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2023-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن تۆمۈر يول ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن كۆمۈر مىقدارى 60 مىليون 331 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلقىدىن 9.8 پىرسەنت ئارتقان. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2020-يىلى خىتاينىڭ يېڭى كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش، كۆمۈر كانلىرىنى ئېچىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنىڭ بۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى كۆرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.