پىرېزىدېنت ترامپنىڭ يېڭى تاموژنا بېجىنى يولغا قويۇشى خىتايغا ئېغىر زەربە بېرىدۇ دەپ قارالماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2025.02.03

 پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى، يەنى ئامېرىكىغا كېلىدىغان بارلىق خىتاي ماللىرىدىن 10 پىرسەنت تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشى خىتايدىن ئامېرىكاغا كىرىۋاتقان فانتانىلنىڭ مىقدارىنى تىزگىنلەش بىلەن بىرگە، خىتاي ئىقتىسادىغا زەربە بېرىدۇ دەپ قارالماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ترامپنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان ھەر قانداق ئۆچ ئېلىشلارغا تېخىمۇ يۇقىرى تاموژنا بېجى بىلەن قارشىلىق بېرىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

 «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 3-فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكىغا كېلىدىغان بارلىق خىتاي ماللىرىدىن 10 پىرسەنت تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشى ئامېرىكا-خىتاي سودىسىدا تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغان كىيىم-كېچەك ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنا بېجىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشنى چەكلەيدىكەن. شۇنىڭدەك 800 دوللارغىچە بولغان پوسۇلكا (خالتا) لارنىڭ بۇرۇنقىدەك تەكشۈرۈلمەستىن ۋە باج قويۇلماستىن ئامېرىكاغا كىرىشىگە يول قويۇلماسلىقى خىتاي ئىقتىسادىي ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىر زەربە بولىدىكەن.

 يېقىندا «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، ترامپنىڭ سايلام مەزگىلىدە خىتاي ماللىرىدىن كەم دېگەندە 60 پىرسەنت تاموژنا بېجى ئېلىشقا ۋەدە قىلغانلىقى، ترامپ ئاقسارايغا كىرگەندىن كېيىن بولسا، ئەگەر خىتاي، فەنتانىلنىڭ ئامېرىكىغا ئېقىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىسا خىتاي ماللىرىدىن ئۈستىلەپ 10 پىرسەنت باج ئالىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى. ماقالىدە، ئەگەر ترامپ دېگەنلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرسە خىتاي ئىقتىسادىي ئۈچۈن ئېغىر زەربە بولىدىغانلىقى، 2025-يىلىنىڭ خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن مۇشەققەتلىك يىل بولىدىغانلىقى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئالمىسا خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ 2.4 پىرسەنت تۆۋەنلەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغانىدى.

دونالد ترامپ ئالدىنقى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە خىتايغا قارشى سودا ئۇرۇشىنىڭ پىلتىسىنى يېقىپ، خىتاينىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا نەچچە يۈز مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.