پرېزىدېنت ترامپ شىمالىي كورېيەگە نىسبەتەن سەۋرى توشقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.07.01

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە كۈنى شىمالىي كورېيەگە نىسبەتەن سەۋرى توشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى مۇن جائېىن بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان ئىستراتېگىيىلىك سەۋرى قىلىش دەۋرى مەغلۇپ بولدى. سەمىمىي قىلىپ ئېيتقاندا سەۋرىمىز توشتى .»ترامپ يەنە مۇنداق دېدى: «شىمالىي كورېيە دىكتاتورىلىقى ئۆز خەلقى، قوشنا ئەل خەلقلىرىنىڭ ئامانلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى نەزەرگە ئېلىپمۇ قويمايدۇ ھەمدە ئۇلار ئىنساننىڭ جېنىنى ھۆرمەت قىلمايدۇ. بۇ قايتا- قايتا ئىسپاتلاندى.»

پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرى، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ھەرىكەت پىلانىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى. 

س ن ن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارلىرى شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئىنكاسقا ھەربىي كۈچ قوللىنىش ماددىسىنىڭمۇ قوشۇلغانلىقىنى، ئەگەر شىمالىي كورېيە يەر ئاستى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارسا، بۇ پىلاننى ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى بىر تەتقىقات جەمئىيىتىدە سۆز قىلغان ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى ھېربېرت رايموند مېكماستېر شۇنداق بىر پىلان بارلىقىنى دەلىللىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: بىز مۇمكىن بولغان بارلىق چارىلەرنىڭ ھەممىسىگە تەييارگەرلىك كۆرۈشىمىز كېرەك. چۈنكى پرېزىدېنت شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا خەلقىنى نىشانغا ئالالايدىغان بىر يادۇر كۈچىگە ئىگە بولۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىلدۈردى.»

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى مۇننىڭ ئاقساراي زىيارىتىدىن بىر كۈن ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇن ئاقسارايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا شىمالىي كورېيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، شىمالىي كورېيەدىن كېلىدىغان تەھدىت ۋە قۇتراتقۇلۇقلارنىڭ قاتتىق ئىنكاسلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئۇ يەنە شىمالىي كورېيەنى يادرو قورال مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە چاقىردى. 

بۇ يىل 10-ماي ۋەزىپىگە ئولتۇرغان جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى مۇن جائېىن 30-ئىيۇن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن سۆھبەتتە بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.