ۋۇخەندە بىر تۈركۈم تۇڭگان جامائىتى ئىككى نەپەر خىتاي ساقچىسىنى بىرقانچە سائەت گۆرۈگە ئېلىۋالدى

خۇنەننىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى بىر يېمەك-ئىچمەك بازىرىدا جۈمە كۈنى خىتاي ساقچىلىرى بىلەن بىر تۈركۈم تۇڭگانلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

توقۇنۇشتا دەسلەپتە بىر تۇڭگان ئاشخانىسىنىڭ خوجايىنى 4 نەپەر ساقچى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلۇپ باش-كۆزى يېرىلغان؛ نەق مەيداندىكى ئاممىنىڭ سالا-سۇلىھلىرىمۇ ساقچىلارغا تەسىر قىلمىغان. ۋەقە شەھەردىكى تۇڭگان جامائىتىنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كېيىن 200 گە يېقىن تۇڭگان نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ۋەقەگە ئارىلاشقان ساقچىلاردىن ئىككى نەپىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان ۋە يول توسۇپ ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي تورلىرىدا بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەردە ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ۋەقەنىڭ راستلىقىنى مەزكۇر بازاردىكى تىجارەتلەردىن ئىگىلەپ چىققان رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمى بۈگۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنى زىيارەت قىلىپ مەزكۇر ۋەقەگە قارىتا پىكرىنى سورىغان.

دىلشات رىشىت، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا، خىتايدىكى باشقا خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ زۇلۇم ۋە زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك سىياسىتىدىكى خىتاي مىللەتچىلىك ئېڭى ۋە فاشىسىزملىق ھېسسىياتنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.