تۈركىيە ھازىرغىچە 2 مىليون 700 مىڭ مۇساپىر قوبۇل قىلغان
2015.12.20
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالا تۈركىيەنىڭ ئىككى مىليون 700 مىڭ سۈرىيىلىك، ئىراقلىق ۋە باشقا ئەللەردىن كەلگەن مۇساپىرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، مەزكۇر مۇساپىرلار ئۈچۈن 9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى چىقىم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيەنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى تۈرتكىيە قوبۇل قىلغان 2 مىليون 700 مىڭ مۇساپىرنىڭ 2 مىليون 500 مىڭىنىڭ سۈرىيىلىك ئىكەنلىكىنى، ھازىرغۇئىچە مەزكۇر منۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن 9 مىليارد دوللار سەرىپ قىلغانلىقى، ئەمما بەش يىل ئىچىدە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ياردەملەرنىڭ 500 مىليون دوللاردىن ئاشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
بۇ يىل 29 - نويابىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا پۈتۈشۈم ھاسىل قىلىنىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە كۆچمەنلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى ئۈچۈن 3 مىليارد يېۋرو ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى.