دائىرىلەر تۇرپان بىلەن كورلىنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرىدىغان 2 - تۆمۈريول لىنىيىسىدىكى مۇھىم تۇنېل قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-03-01
Share


ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقى ئىنتايىن تىز سۈرەتتە قېزىلىۋاتقان، خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇر تۇپراقلىرىغا جىددىي رەۋىشتە كۆچۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى تۇرپان بىلەن كورلىنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرىدىغان 2 - تۆمۈريول لىنىيىسىدىكى مۇھىم تۇنېل قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان.

قۇرۇلۇشىنى خىتاي تۆمۈريول ئىدارىسى 18 - قۇرۇش گۇرۇپپىسى ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، تۇنېل 28 - فېۋرال تاماملانغان.

خىتاي ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، بۇ تۇنېلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 22 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلدىكى ئەڭ ئۇزۇن، خىتايدىكى 3 ئۇزۇن تۇنېل ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ تومۇر يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 333.86 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، تۇرپاننى كورلىغا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرىدىكەن.

ئەگەر، بۇ يول پۈتسە تۇرپاندىن كورلىغا كېلىش مۇساپىسى 122 كىلومېتىر قىسقىرايدىكەن.

كورلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە نەشپۈت بازىسى. خىتاينىڭ «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 1 - تۇرۇبا لىنىيىسى» كورلا تەۋەسىدىكى تارىم نېفىتلىكىدىن باشلىنىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2010 - يىلدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر ئاستى بايلىقىنى قېزىش قەدىمى تېخىمۇ تېزلەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۆمۈريول لىنىيىسىنى خوتەنگە يەتكۈزگەن بولسىمۇ، بۇ يول ھازىرچە تاق لىنىيىلىك ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت