تۇرپاندا 353 كىشى جىددىي كارانتىن قىلىنماقتا

خىتايدىكى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ ۋەھىمىسى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تېخىچە زور كۆلەملىك كارانتىنغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىدى.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 15-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تۇرپان شەھەرلىك ھۆكۈمەت نۆۋەتتە 353 نەپەر كىشىنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇسى گۇمانى بىلەن كارانتىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە خەۋەر قىلغان. خەۋەردە بۇ كىشىلەرنىڭ بىر كىشىلىك ئايرىم ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئۆيلەرنىڭ شارائىتى ياخشى بولۇپ، تور ۋە تېلېۋىزىيە سەپلەنگەنلىكى، شۇنىڭدەك ھەر بىر كىشىنىڭ كۈندىلىك تاماق ئۆلچىمىنىڭ 150 سوم (تەخمىنەن 23 ئامېرىكا دوللىرى) بولۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس مەسىلىسىدە ئىزچىل يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بىر قىسىم ئانالىزچىلار نۆۋەتتىكى ۋىرۇس يۇقۇمى ھەققىدە بېرىلگەن بۇ خەۋەردىمۇ كۆپلىگەن گۇمانلىق نۇقتىلارنىڭ بارلىقىنى، يەنە كېلىپ تۇرپاندىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى. يەنە بەزىلەر بولسا ئىلگىرىكى ۋاقىتلار كارانتىن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تولىمۇ ناچار شارائىتتا كارانتىن قىلىنغانلىقىنى، ئەمدى بۇ كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە كۈتۈشكە مۇيەسسەر بولۇۋاتقانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ: «بۇ كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەن يۆتكەش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي ئاققۇنلىرى بولۇشى مۇمكىن،» دېيىشمەكتە ئىكەن.