تۇتقۇن نۇرمەمەت ئىسمائىلنىڭ ئاقىۋىتى ئائىلىسىنى ئەندىشىگە سالماقتا

خىتاينىڭ قەشقەر شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى ھېيتگاھ ئەتراپىدا دۇكان ئېچىپ تىجارەت قىلىۋاتقان نۇرمەمەت ئىسمائىلنى مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنى نامەلۇم سەۋەب بىلەن دۇكىنىدىن تۇتۇپ كەتكەن.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن تۇتقۇن نۇرمەمەت ئىسمائىل ھەققىدە ساقچىلار ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. نۇرمەمەت ئىسمائىل تۇتۇلۇپ كېتىپ بىر كۈندىن كېيىن، خىتاي دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىدىن 5 خادىم، نۇرمەمەت ئىسمائىلنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان. ۋە بىر كومپيۇتېرنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.

ساقچىلار ئۆي ئاختۇرۇش داۋامىدا نۇرمەمەتنىڭ ئائىلىسىگە ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت كۆرسەتمىگەن؛ پەقەت ئېغزاكى ھالدا نۇرمەمەتنىڭ بىر سىياسىي دېلوغا چېتىشلىقلىقى بايقالغانلىقىنى ئېيتقان.

نۇرمەمەت ئىسمائىلنىڭ تۇتۇلغىنىغا، تۈنۈگۈن 24 كۈن بولغان بولۇپ، تاكى شۇ كۈنگىچە، نۇرمەمەتنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە نەدىلىكى ھەققىدە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قانۇنىي يوسۇندا ھېچقانداق بىر چۈشەندۈرۈش بېرىلمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۇرمەمەت ئىسمائىل بىلەن ئوخشاش كۈندە يەنە 6 نەپەر ئۇيغۇر ياش تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇلار ھەققىدىمۇ ئائىلىلىرىگە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. نۆۋەتتە مەزكۇر ئائىلىلەر ئۇلارنىڭ قولۇم-قوشنىلىرى بۇ 7 نەپەر تۇتقۇننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىشماقتا.