«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» خىتايدىن غايىب بولغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان
2021.12.08
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» 10-دېكابىر يېتىپ كېلىدىغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ھارپىسىدا خىتاي لاگېرلىرىغا قامالغان، تۈرمىگە سولانغان ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىنغان 312 نەپەر ئۇيغۇر ئەقلىي، مەدەنىيەت سەرخىلى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. «ئۇيغۇر ئەقلىي ۋە مەدەنىيەت سەرخىللىرىنىڭ غايىب بولۇشى: يوقىتىشنىڭ يېڭى شەكلى» ناملىق دوكلاتتا، يۇقىرىقى 312 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ دېلوسى ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن.
بىراق دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ 312 كىشى ئېنىق بولمىغان ۋە سانى كۆرۈنەرلىك بولغان خىتاينىڭ نىشانىدىكى ئەقلىي ۋە مەدەنىيەت سەرخىللىرىنىڭ پەقەت بىرقىسمىنىلا تەشكىل قىلىدىكەن. دوكلاتتا، فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ سابىق مۇدىرى، جۇغراپىيەشۇناس تاشپولات تېيىپ، يازغۇچى ۋە شائىر ئابدۇقادىر جالالدىن، «شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ سابىق مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر، ناخشىچى ئابلاجان ئايۇپلارنىڭ ئىسمى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ زىيالىيلار ۋە سەنئەتچىلەرنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر خىل يېڭى يوقىتىش شەكلى، دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان».
دوكلاتتا يەنە «ھۆكۈمەتنىڭ سەرخىللارغا قىلغان ھۇجۇمى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئىجتىمائىي قايتا قۇرۇشنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە رەھىمسىزلەرچە ھەرىكىتىدىكى ھالقىلىق قورال» ئىكەنلىكى، «بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەقلىي ۋە مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىش غەرىزىنىڭ ئېنىق دەلىلى» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.