خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپى بولغان ئۈندىدارنىڭ ئابونتلارنىڭ پائالىيىتى ئاپتوماتىك ھالدا خاتىرىلەپ ماڭىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلار بىلەن ھەمبەھىرلەيدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.
«خىتاي دىگىتال ۋاقتى» ناملىق تور بەتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا قاراماي شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى خىتايدىكى تىك-توك، يەنى «دوۋيىن» دە تارقاتقان بىر ۋىدىيوسىدا ئۈندىدارغا يۇقىرىقىدەك ئىقتىدارنىڭ قوشۇلغانلىقى مەدھىيەلەنگەن بىر ۋىدىيو تارقاتقان. بۇ ۋىدىيو كۈچلۈك دىققەت قوزغىغاندىن كېيىن، قاراماي شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى دەرھال بۇ ۋىدىيونى ئۆچۈرۈۋەتكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، ۋىدىيودا يەر ئالغان ساقچى خادىمى ئۈندىدار ئەپىنىڭ ئابونتلارنىڭ پائالىيىتىنى ئاپتوماتىك خاتىرىلەيدىغانلىقى، ئەگەر قانۇنسىز بىرەر سۆز-ھەرىكەت بايقالغاندا ئۇنى دەرھال ئېكران سۈرىتىگە تارتىپ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، قانۇنسىز ماتېرىياللارنى ئۈندىداردىن ئۆچۈرۈۋېتىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئابونتلارنى «قانۇنسىز ھەرىكەتلەر» بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئاگاھلاندۇرغان.
«خىتاي دىگىتال ۋاقتى» تورىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئۈندىدار ئەپىنىڭ ئابونتلارنىڭ پاراڭلىرىنى ئالگورىزىم ئارقىلىق نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقى بۇرۇنلا ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئابونتلارنىڭ ھەرىكىتىنى نەق شۇ ۋاقتىنىڭ ئۆزىدە نازارەت قىلىشى ۋە سۈرەتكە تارتىپ ساقچى ئورگانلىرىغا ئەۋەتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى بىر يېڭىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
«ۋىچات» (ئۈندىدار) سۇپىسى پۈتۈن دۇنيادا خىتايلار ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان ئالاقە سۇپىسى بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە مۇستەقىل تەتقىقات ئورگانلىرى خىتاينىڭ ئۈندىدار ۋە تىك-توك قاتارلىق ئەپلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئوغرىلاش، پۇقرالارنى نازارەت قىلىش، خىتاي كومپارتىيەسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە خاتا ئۇچۇر تارقىتىش ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلمەكتە.