خىتاي دائىرىلىرى يەركەندىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ ئۇيغۇر رەھبىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان

خىتاي دائىرىلىرى يەركەن ناھىيەسىنىڭ ئالامەت بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ ئۇيغۇر رەھبىرى ئۈستىدىن ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رىۋىزىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. «بىڭتۈەن خەۋەرلىرى» نىڭ ئۇچۇرىدا مەزكۇر بازارلىق دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ «ئىنتىزام ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇنىڭ كونكىرېت قايسىي ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

خىتاي دائىلىرىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان ئاز دىگەندا بىر مىليون 800 مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنى لاگېرلارغا قاماشتەك چوڭ تۇتقۇنىدا، نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلار «ئ‍ىنتىزام ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش» دېگەن بۇ نام بىلەن ئەيىبلىنىپ، جازالانغان ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقالغان ئىدى.

«بىڭتۈەن خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم يەركەن ناھىيەسى ئالامەت بازارلىق دوختۇرخانا پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرىتارى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى تۇراق ئوسمان تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. خەۋەردە نۆۋەتتە تۇراق ئوسمانغا قارىتا يەركەن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن «ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيەلىك تەكشۈرۈش» ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 52 ياشلىق تۇراق ئوسمان 1998-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى يەركەننىڭ دۆڭباغ، قوشئېرىق، ئارسلانباغ، ئېلىشقۇ، خاڭدى قاتارلىق يېزا-بازارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئ‍ۆتىگەن ئىكەن. ئۇ 2019-يىلدىن بېرى ئالامەت بازارلىق دوختۇرخانا پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرىتارى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئ‍ۆتەپ كەلگەن ئ‍ىكەن.