خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئۇنىڭ رايوندىكى يېرىم ئىشلەپچىقىرىش، يېرىم قوراللىق تەشكىلاتى-بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدلىيە سىستېمىسىدا كەڭ كۆلەملىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، بىڭتۇەن ۋە يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ۋە سوت ئەمەلدارلىرىدىن 140 دىن ئارتۇق كىشىنى ئالماشتۇرغان. بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارىخىدا تۇنجى قېتىم تاراتقۇلارغا مەلۇم بولغان رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك سوت ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرىدىن بۇنچىلىك كۆپ سوتچى ۋە تەپتىشنىڭ تۇيۇقسىز بىرلا ۋاقىتتا ئالماشتۇرۇلۇشىدۇر.
خىتاي دائىرلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز بۇنچىلىك كۆپ تەپتىش ۋە سوتچىنى ئالماشتۇرۇشىدىكى مەقسىتى مەلۇم ئەمەس. خىتاي تاراتقۇلىرىدا بۇنىڭغا ھېچقانداق چۈشۈەنچە بېرىلمىگەن. لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بىڭتۇەن ۋە رايوننىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىدىكى بۇ ئۆزگىرىش ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىگە قارىدا بىر تەييارلىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا رايوننىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىغا نۇرغۇن سىياسىي كادىرلارنى يۆتكەپ، لاگېرغا قامالغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ھېچقانداق سوت تەرتىپىدىن ئۆتكۈزمەي خالىغانچە كەسكەن. كۆزەتكۈچىلەر، ئەدلىيە سىستېمىسىدىكى كەڭ كۆلەملىك ئالماشتۇرۇشنىڭ يۇقىرىقى جىنايەتنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.
خىتاينىڭ «بىڭتۇەن خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئالماشتۇرۇشتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىدىن تارتىپ يۇقىرى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىگىچە، ھۆكۈم چىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن تارتىپ، بىڭتۇەن سوت ۋە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىغىچە، ھەر قايسى يەرلىك ئوتتۇرا سوت ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقى، سوتچىسى، تەپتىش ئەمەلدارلىرىدىن تارتىپ، ھەر قايسى بىڭتۇەن دېۋىزىيەلىرىدىكى ئوتتۇرا سوت ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ سوتچى ۋە تەپتىشلىرىگىچە بولغان نۇرغۇن ئادەم ئالماشتۇرۇلغان.