ئامېرىكادىكى خىتاي ئوقۇغۇچى: «ئۇيغۇرلار ئەركىن قويۇۋېتىلسە، خىتاي خەلقىنىڭ خاتىرجەملىكى بۇزۇلىدۇ»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-03-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى ۋاشىنگىتون دۆلەتلىك ئونىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۆتكەن ئاينىڭ 28‏-كۈنى 5 نەپەر ئۇيغۇرشۇناس مەزكۇر ئونىۋېرسىتېت ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بىر مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلغان.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلار بولۇپ، 120 كىشى قاتناشقان بۇ يىغىندا ئىككى نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بايانلىرى يىغىن ئەھلىنى قاتتىق ئەجەبلەندۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب قىسمىدا مۇنازىرىگە قېتىلغان ئىككى نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىدىن ئۇيغۇرلارغا بىرئاز ئەركىنلىك بېرىلىشنىڭ نېمە زىيىنى بارلىقى سورالغان. بۇ ئىككىيلەن بەرگەن جاۋابىدا ئۇيغۇرلارغا كۆپرەك ئەركىنلىك بېرىلسە خىتاي خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدىغانلىقى ئىما قىلىنغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ئىككى ئوقۇغۇچى مەزكۇر جاۋابنى بەرگەندىن كېيىن، يىغىن مەيدانىدىن دەرھال ئايرىلىپ، غايىب بولغان.


مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر رايونىدا مىليونلىغان ئىنسانلار خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىۋېلىنغان بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر رايوندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ ۋەزىيەتكە ھېچقانداق نارازىلىق بىلدۈرمەيۋاتقانلىقى، چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭمۇ مەسىلىگە قارىتا ئىنكاسلىرىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىدىن ئەجەبلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىغىندا دەررېن بايلېر، گاردېنېر بوۋىڭدون، راچېل ھاررىس، سكون تايسون ۋە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت