خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارنى ئىقرار قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-04-07
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇت بىلەن ئەدلىيە نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى شىرزات باۋۇدۇننى «بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى. خىتاينىڭ قانۇنى بويىچە، بۇنداق جىنايەتچىلەرنىڭ ئىككى يىل ئىچىدە ئىپادىسى ياخشى بولسا جازاسى يەڭگىللەپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى مەلۇم.

«ئامېرىكا ئاگېنتلىقى» تورىنىڭ 7-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، بۇ ئىككى ئەمەلدارنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇلارنى «ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنغانلىقى» ھەققىدە ئىقرار قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جاھانغا سازايى قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلىماقچى بولغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىشىچە، ساتتار ساۋۇت «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئېڭى پەيدا قىلىدىغان» دەرسلىك كىتاب تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلغان ۋە بۇ كىتابلار ئۇيغۇرلارنى «13 يىل زەھەرلىگەن». شىرزات باۋۇدۇن بولسا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» بىلەن ئالاقە ئورناتقان، يەرلىك دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە ياردەم بەرگەن. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان خەتەرلىك ئۇنسۇرلار ئىكەن.

كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارنى بىر قوللۇق تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىزىقىدىن چىقماي تۇرۇپ ئۇنداق ئىشلارنى قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئېھتىياجى بولغاندا ئۇلاردىن پايدىلىنىدىكەن، ئېھتىياجى تۈگىگەندە ئۇلارنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت