قەشقەر بىلەن خوتەندە ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدار ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان

قەشقەر بىلەن خوتەندە ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش دائىرىلىرى تەرىپىدىن پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق پارتىيە سېكرېتارى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئادىل يۇنۇس بىلەن خوتەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇردىمەمەت غوپۇر پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان، شۇنداقلا تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان.

مەزكۇر كومىتېتىنىڭ تورىدا 28-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا، بۇ ئىككى ئەمەلدار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، راھەتپەرەسلىك ۋە ئىسراپچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئادىل يونۇس بىلەن تۇردىمەمەت غوپۇرنىڭ دېلوسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 28-ئاپرېل ئېلان قىلغان سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپ 6 تىپىك دېلونىڭ بىر قىسمى ئىكەن. قالغان 4 دېلونىڭ ئۈرۈمچى، ئالتاي، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

خىتاينىڭ 2017-يىلى 2-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدە باشلىغان چوڭ باستۇرۇشىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلار «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغان، قولغا ئېلىنغان لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە قامىلىپ، ھاكىمىيەت قاتلىمىدىن تازىلاپ چىقىرىلغان، ھەتتا مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇتقا ئوخشاش بەزى كادىرلار ‍ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇقتۇرۇشتا، ئادىل يۇنۇس بىلەن تۇردىمەمەت غوپۇرنىڭ ۋەزىپە ئاتقۇرغان مەزگىللەردە سوۋغات قوبۇل قىلغانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ يەنە «باشقا قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى» بارلىقى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن ئۇلارنىڭ كونكرېت قانۇن-ئىنتىزامغا قانداق ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى تەپسىلىي تىلغا ئېلىنمىغان.