ئامازون، ئالما، فېيسبۇك ۋە گۇگۇل شىركەتلىرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكانىڭ ئامازون، ئالما، فېيسبۇك ۋە گۇگۇل قاتارلىق 4 چوڭ گىگانت شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى (CEO) 29-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يۇقىرىقى بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەقسىز رىقابەت، ئۇچۇرنى قامال قىلىش، قوللانغۇچى ئۇچۇرلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلىرى بويىچە دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇلار دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك ۋە قېيىن سوئاللىرىغا دۇچ كەلدى ۋە ئۇ ھەقتە چۈشەنچە بەردى. شۇلار قاتارىدا ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار يىغىندا خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدا ئىشلەپ چىقىرىلغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنى ئالمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.

يىغىندا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كەن باك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ياكى قۇل ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىۋاتقان 80 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق شىركەت بارلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكا شېركەتلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىن چەكلەش ھەققىدە بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە يۇقىرىقى شىركەت باشلىقلىرىدىن «سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق بولغان ماللارنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىڭلارغا كاپالەتلىك قىلالامسىلەر؟» دەپ سورىدى. بۇنىڭغا يۇقىرىقى ئەمەلدارلارنىڭ ھەربىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆز شىركەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ھەرگىز مەجبۇرىي ئەمگەكتىن مال تەمىنلىمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يۇقىرىقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا بىر قىسىم تىبەت ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكتە نامايىش قىلىپ، يۇقىرىقى شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.