ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ يەنە بىر تۈركۈم ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى توختىتىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-09-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ يەنە بىر بىر تۈركۈم ئەزاسى جۈمە كۈنى ترامپ ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشقا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.

بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە ترامپ ھۆكۈمىتىنى 2‏-قېتىم ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىشىدۇر.

بۇنىڭ سەل ئالدىدا ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىنىڭ 17 نەپەر ئەزاسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پونپېئو بىلەن مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن ميۇنچىنغا مەكتۇپ يېزىپ، چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

بۇ قېتىم ئاۋام پالاتاسىنىڭ ستېۋېن چابوت، گەرىي كونوللىي، دون بەيېر، دەيۋىد سىسسىلىن، ئېلىنور نورتون، جەمئىي راسكىن، ئادام شىف، تونىي كاردىناس قاتارلىق دېموكراتىك ۋە جۇمھۇرىيەتچى ئەزالىرى مايك پومپېئوغا مەكتۇپ يازغان.

مەكتۇپتا «بىز بۇ خەت ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

يالغۇز مىليونلىغان كىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خورلاشقا ئۇچراپلا قالماي، ئامېرىكىلىق ژۇرنالىستلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىمۇ خەتەرگە ئۇچرىماقتا. بىز سىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشقا ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشقا ئۈندەيمىز» دېيىلگەن.

مەكتۇپتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، «سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قامىغانلىقى ياكى يېزىلاردا ئومۇمىي يۈزلۈك تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقىنىڭ 2017‏-يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىك دوكلاتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەركەكلەر، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئەمگەك لاگېرلىرىغا ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئائىلىلىرىدىن ئايرىۋەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت