«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەپتىلىك مۇقاۋىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بېغىشلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.10.15

ئامېرىكانىڭ نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلىرىدىن بولغان «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەپتىلىك مۇقاۋىسى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاندى. «ئۇيغۇرلارنى قىيناش-كىشىلىك ھوقۇقتىكى يەر شارىۋى كرىزىس» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ مۇقاۋىدا يەنە نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ غايەت زور تىكەنلىك سىملارغا سانجىلىپ قالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە ئوبرازلىق رەسىم ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئوبرازلىق ھالدا يورۇتۇپ بېرىلگەن.

«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ بۇ سانىدا يەنە تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇمات ئاساسىدا «ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالىمۇ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئادرىيان زېنز بۇ ھەقتە تىۋىتتىردا مۇنداق دېگەن:

«مەن ‹ئىقتىسادشۇناس› قا تەمىنلىگەن يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئاتا-ئانىسى ھەر ئىككىلىسى لاگېرغا تۇتۇلغان بالىلار يېتىم-يېسىرلار مەكتەپلىرىگە ياكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شىنجاڭدا 2017-ۋە 2019-يىللىرى ئارىسىدا بۇنداق مەكتەپلەرگە 380، 000 يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.»

ئۇيغۇر بالىلىرى يۈزلىنىۋاتقان بۇ ئېغىر پاجىئە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەربىر كىشىنى قاتتىق قايغۇلاندۇرۇۋاتقان بىر مەسىلە. ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ پاجىئەسى ئارقىلىق پۈتكۈل بىر مىللەت يولۇقۇۋاتقان خەۋپنىڭ ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئات تەرىپىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنىشى كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشتى.

ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان بۇ مۇقاۋا تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نۇرغۇن قېتىم ھەمبەھىرلەندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.