خىتاي تاراتقۇلىرى نەنچاڭدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئوقۇش مۇكاپاتى» تەسىس قىلغان بىر ئۇيغۇر ياشنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان
2024.01.11
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 11-يانۋار كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە، جياڭشىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان مىرادىل ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ ئۆزى ئوقۇغان مەكتىپى— جياڭشى پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىغا بىر مىليون يۈەن ئىئانە قىلىپ، «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئوقۇش مۇكاپاتى» تەسىس قىلغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مىرادىل خوتەننىڭ چىرا ناھىيەسىدىن بولۇپ، 2013-يىل 9-ئايدا جياڭشىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىدە ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشلىغان، ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىلا ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىش بىلەن پۇل تېپىپ، كېيىن ئاشخانا ئېچىپ مىليونېر بولغان. ئۇ نەنچاڭدىكى مەكتىپىگە پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، مەكتەپ كۆپ قېتىم ئۇنى رەت قىلغان. كېيىن بۇ مۇكاپاتنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» كە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇكاپات تەسىس قىلىشقا قوشۇلغان.
ئۆز يۇرتىدىكى نامراتلارغا ئەمەس، «ئانا مەكتىپىم» دەپ ئاتىغان نەنچاڭ شەھىرىدىكى ئالىي مەكتەپكە پۇل ئىئانە قىلغان مىرادىل، خىتاي تاراتقۇلىرىدا «كارخانىچى، يېتەكچى، ساخاۋەتچى» دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، «شىنجاڭ ھېكايىلىرى» نى سۆزلەشتە ئاز تېپىلىدىغان ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئۆتكەن يىل 8-ئايدا، خىتاي كومپارتىيە سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە يەرلىك دائىرىلەرگە يوليورۇق بەرگەندە «شىنجاڭدىكى ئاممىنى ئىچكىرى خىتايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش، ئىچكىرى خىتايدىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش» دېگەننى تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇنىڭغا بىنائەن خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىمۇ «مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى» سۈرۈشكە پايدىلىق يۇقىرىقىدەك مىساللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە.