ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى «ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسى» نى ئاۋازغا قويۇشقا يۈزلەندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.05.12

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەھبىرى مىچ مەككونېل ئۆتكەن ھەپتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۈگۈن بۇ ھەقتە بەزى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى دەسلەپكى قەدەمدە مەلۇم بولدى.

«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 12-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە كېڭەش پالاتا رەھبەرلىرى ھازىر بۇنى ئاۋازغا قويۇشقا قارشى پىكىرنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە قاراۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىممۇ ئۇنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ماقۇللىنىشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن. بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بولغان ئۈچ ئەرباب مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى ئاۋازغا قويۇش بەلكىم مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مىچ مەككونېل بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئەمدى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇش ھەققىدىكى كەسكىن سوئاللار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يوللىنىدۇ،» دېگەن. يەنە كېلىپ بۇ قېتىمقى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكاغا ئېلىپ كەلگەن بالايىئاپەتلىرى تۈپەيلىدىن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەتتە قاتتىق مەيدان تۇتۇش لازىملىقىنى تەكىتلىمەكتە ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە كېڭەش پالاتاسىدا 50 كىشى بۇنىڭغا ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇ قېتىممۇ ئۇنىڭ ئوڭۇشلۇق ماقۇللىنىشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.