ئۇيغۇر قىزى مۇنەۋۋەر ئابدۇللانىڭ ئىنگلىزچە شېئىرى ئاۋسترالىيەدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى

مۇنەۋۋەر ئابدۇللا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ياش شائىرە ۋە ئاكتىپ يازارلارنىڭ بىرى.

ئۇنىڭ ئىنگلىز تىلىدا يازغان «ۋەتىنىنى ئىزدىگەن بالا» ناملىق شېئىرى 2017-يىلى ئاۋسترالىيەدىكى جەنۇبىي ۋېلس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ شېئىر يېقىندا ئاۋسترالىيەدە شېئىرىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

«ۋەتىنىنى ئىزدىگەن بالا» ناملىق بۇ شېئىر يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت ۋە ئەركىن ئۇسلۇبتا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇھاجىرەتتە تۇغۇلغان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر بالىلىرىدىكى ئۆز كىملىكىنى ئىزدەش تۇيغۇسى، ئاتا-بوۋىلىرى ياشىغان، ئەمما ئۆزلىرى ياشىيالمىغان يىراقتىكى ۋەتىنىگە بولغان غايىبانە تەلپۈنۈشى شۇنداقلا ئەسلى ۋەتىنى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئىككىنچى ۋەتىنى ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ ھېسسىياتلىرى كۈچلۈك شېئىرىي بوشلۇقتا ئىپادە قىلىنغان.

مەزكۇر شېئىرنىڭ مىسرالىرىدا ئۇچرايدىغان «تەڭرىتاغ»، «تەكلىماكان»، «ئىلى»، «كاراۋان»، «ئەتكەن چاي» قاتارلىق ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئىنگلىز تىلىدا ئىپادە قىلىنىۋاتقان شېئىرىي ئېيتىمنى قويۇق مىللىيلىككە ۋە ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلغان.

ياش شائىرە مۇنەۋۋەر ئابدۇللا 1994-يىلى ئاۋسترالىيەدە ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئامېرىكادا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن ھازىر ئاۋسترالىيەدىكى جەنۇبىي ۋېلس ئۇنىۋېرسىتېتىدا مېدىتسىنا پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىقتا ئوقۇماقتىكەن.

مۇنەۋۋەر ئابدۇللا 15 يېشىدىن باشلاپ ئىنگلىز تىلىدا شېئىر يېزىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ژۇرناللىرى بىلەن باشقا شېئىرىيەت ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان.

مۇنەۋۋەر ئابدۇللانىڭ «مەن ئۇيغۇر، مەن قارشىلىق كۆرسىتىمەن» ناملىق ماقالىسى ئامېرىكىدىكى داڭلىق ژۇرنال - «دىپلومات» نىڭ بۇ يىللىق ئىيۇن سانىدا ئېلان قىلىنىپ، كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان ئىدى.