ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتايغا يۆتكەلگەن توك مىقدارى 300 مىليارد كىلوۋاتتىن ئېشىپ كەتتى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.10.09

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 8-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «سانجى-گۇچۇەن يۇقىرى بېسىملىق توك يوللاش قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق شۇ كۈنگە قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئومۇمىي توك مىقدارى 302 مىليارد كىلوۋاتتىن ئاشقان. خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئوتتۇرىچە توك باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا بۇ تەخمىنەن 36 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كېلىدىكەن.

مەزكۇر توك يوللاش قۇرۇلۇشى سانجى شەھىرىدىن ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى گۇچۇەن بېكىتىگىچە سوزۇلغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدىكەن. خەۋەردە بۇ ھال «شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش يولىدىكى بىر مۇھىم قەدەم، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغۇچى مۇھىم قۇرۇلۇش» دېيىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇش ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە توك يوللاشتىكى غول لىنىيە بولۇپ، بۇنىڭ نورمال ۋە بىخەتەر مېڭىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپلىگەن تەدبىرلەرنى قوللانغان. 2024-يىلى مەزكۇر لىنىيە ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلغان توك مىقدارى ئالدىنقى يىلدىكىدىن توققۇز پىرسەنت ئاشقان. 2024-يىلى ئىيۇل ئېيىدىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشتا كۈنىگە 254 مىليون كىلوۋات توك يوللىنىدىغان بولۇپ، بۇ توك تۆت نوپۇسلۇق 130 مىڭ ئائىلىنىڭ بىر يىللىق توك سەرپىياتىنى قامدىيالايدىكەن.

ھالبۇكى، خىتاي ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ جۇڭغار ئويمانلىقىنى بازا قىلغان ھالدا كۆمۈرنى كۆيدۈرۈپ توك چىقىرىشى ۋە بۇ توكنى شەرققە يۆتكىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتىنى قايسى دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكى يېقىنقى يىللاردا كۆپ دىققەت قوزغىغان مەسىلىلەردىن بولۇپ قالغان. يەنە كېلىپ، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامرات تۇرمۇشى ھەمدە بۇنىڭغا قوشۇلۇپ داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىزچىل تۈردە بۇ خىل ئېنېرگىيە يۆتكەش قۇرۇلۇشىغا روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.