خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئەڭ چوڭ پاش قىلغۇچى» نى 150 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىغان
2025.02.14
«شىنجاڭ خەۋەرلىرى تورى» نىڭ يېقىندا چىقارغان بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش نازارىتى «قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش» قا تېگىشلىك جىددىي ئەھۋالدىن مەلۇمات بەرگۈچىلەرنى مۇكاپاتلىغان. خەۋەردە، بۇ خىل جىددىي ئەھۋاللار 10 تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە كان بىخەتەرلىكى، كارخانا بىخەتەرلىكى، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جىددىي ئەھۋاللاردىن باشقا يەنە، «سىياسىي بىخەتەرلىك، مەمۇرىي بىخەتەرلىك» كە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارمۇ بار ئىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش نازارىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىدارە-ئورگان، كان، كارخانا ۋە باشقا ئورۇنلارغا تېلېفوندا پاش قىلىش مەخسۇس لىنىيەسى ئورناتقان. شۇنداقلا، مەزكۇر نازارەتنىڭ تور بېتى ۋە ئۈندىدار سۇپىسىدا مەلۇم قىلىشنى يولغا قويغان؛ بۇ ئارقىلىق «خەلق ئاممىسى ھەر قانداق ۋاقىتتا جىددىي ئەھۋالدىن مەلۇمات بېرەلەيدىغان سىستېما» بەرپا قىلغان.
بۇ خەۋەردە، «جىددىي ئەھۋالنى پاش قىلغۇچىلار» نىڭ تۆۋىنى 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرىسى 150 مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپاتلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان ھەم بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پاش قىلغۇچىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە رىغبەت بېرىلگەن.
خىتاينىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ساقچىخانا ۋە ئىدارە-ئورگانلارنى ئىشقا سېلىپ تەقىپ-نازارەت سىستېمىسى قۇرغانلىقى، شۇنداقلا «ئاممىۋى نازارەت» نى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى بىر-بىرىنى كۆزىتىشكە سالغانلىقى مەلۇم بولۇپ كېلىۋاتقانىدى؛ 2019-يىل 2-ئايدا، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ بىرلىكسەپ بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كىشىلەرنى، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىدىكى دىنىي زاتلار، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» ۋە ئۇلارنىڭ ئارقا تىرەكلىرىنى پاش قىلىشقا چاقىرغان ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس تېلېفون لىنىيەسى تەسىس قىلغانىدى. يۇقىرىقى خەۋەردە بولسا خىتايدىكى ئەنسىزلىكنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە «پاش قىلىش» نىڭ كان-كارخانىلارغىچە كېڭەيگەنلىكى بىلىنمەكتە.