ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەردى

ئامېرىكىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن NPR، يەنى دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر بەردى.

مەزكۇر رادىيونىڭ مەشھۇر رىياسەتچى ئارى شاپىرو بىلەن «ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئېۋا دوۋ ئارىسىدا سۆھبەت شەكلىدە بېرىلگەن بۇ ئاڭلىتىشتا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار ھەققىدە بېرىلىۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ قانچىلىك ئۈنۈم پەيدا قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

پروگراممىدا ئېۋا دوۋ مەزكۇر مەسىلىسىنىڭ ئاخىرى ب د ت سەھنىسىگە چىققانلىقى، خىتاينىڭ ب د ت دا «كەسپىي تەربىيە ئورۇنلىرى» نى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قىسمەن دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پروگراممىدا خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ قول سۇنۇۋاتقانلىقى ۋە بۇ قول سۇنۇشنىڭ ياپونىيە، ياۋروپا دۆلەتلىرى، ھەتتا ئامېرىكىغا قەدەر ئۇزۇراۋاتقانلىقى، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىنى پاش قىلىش ئۈچۈن ئەمدى ئىككىلەنمەي ئوتتۇرىغا چۈشۈشكە باشلىغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەتلەردىن لاگېرلارنىڭ داۋاملىق تۈردە قۇرۇلۇۋاتقان ۋە كېڭىيىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن مەزكۇر سۆھبەت خاتىرىسىدە ئۇيغۇر رايونىدا يىللاردىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدا نېمە ئۈچۈن بۇنداق كەسكىنلەشكەنلىكى سورالدى. مۇخبىر ئېۋا دوۋ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەمەلدارى چېن چۈەنگونىڭ ئىلگىرى تىبەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى، مانا مۇشۇنداق قاتتىق تەدبىرلەر بىلەن تىبەتتە ئاتالمىش «مۇقىملىق» نى ساقلىغانلىقى، ئۇنىڭ شۇ تەجرىبىسىنىڭ ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر رايونىدا سىنىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

NPR نىڭ ۋە باشقا خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىدە لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ يالغۇز چېن چۈەنگونىڭلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئاساسلىقى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرادىسى بىلەن قۇرۇلغان ۋە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.