ئاساسىي قاتلاملاردا ئۇيغۇر كادىرلار داۋاملىق زەربە نىشانى بولماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-08-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

توقسۇن ناھىيىلىك تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى ئابدۇلىم ئابلەق ئوغلىنىڭ توي مۇراسىمىغا كۆپ ئادەم چاقىرغانلىقى ئۈچۈن جازالانغان.

تۇرپان ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ 13-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئابدۇلىم ئابلەق 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 3 ۋە 4-كۈنلىرى ئوغلىنىڭ تويىنى قىلىپ، ئىككى كۈندە جەمئىي 510 ئادەمنى تويغا تەكلىپ قىلغانلىقى، توي مەرىكىسىگە قاتناشقانلار ئىچىدە 49 نەپەر ساقچى خادىمى بارلىقى ۋە تويدا جەمئىي 9000 يۈەن پۇل چۈشكەنلىكى ئۈچۈن «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان. 

ئابدۇلىم ئابلەقنىڭ ئوغلىنىڭ تويى بولۇپ، ئاز كەم بىر يىل بولاي دېگەندە جازالىنىشى دىققەت قوزغىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلاملاردا «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى توختىماي قىدىرىپ چىقىرىش» دەيدىغان چاقىرىقلار بىلەن ئۇيغۇر كادىرلارغا داۋاملىق زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئابدۇلىم ئابلەقنىڭ ئوغلىنىڭ توي مەرىكىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈشىنىڭ جىنايەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىشىمۇ ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىكەن. 

يۇقىرىقى بۇ خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم تۇرپان ۋىلايىتى تەۋەسىدە قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئاتالمىش «ئىنتىزامنى يەنە بىر قېتىم تەرتىپكە سېلىپ، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش» مەقسىتى بىلەن ئابدۇلىم ئابلەق قاتارلىق 5 نەپەر ھۆكۈمەت كادىرى جازالانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈچ نەپىرى ئۇيغۇر ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت