بىڭتۇەن 2- دېۋىزىيەسى تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدە 15 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ 2-دېۋىزىيەسى تەكلىماكاننىڭ شەرقىي جەنۇبى گىرۋىكىدە 15 مىڭ مو قۇملۇقنى تىزگىنلەپ تېرىلغۇ يەرگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، بىڭتۇەننىڭ 2-دېۋىزىيەسىگە قاراشلىق 37-پولكى 10 مىليون سومدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ 15 مىڭ مو قۇملۇقنى تىزگىنلىگەنلىكىنى، ھازىر 5500 مو يەرنى تېرىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بىڭتۇەننىڭ 2-دېۋىزىيەسى بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭغا قاراشلىق 12 پولك بار ئىكەن. 2-دېۋىزىيەنىڭ كۆپلىگەن پولكلىرى لوپنۇر ناھىيەسى بىلەن چاقىلىق ناھىيەسى ئارىلىقىدا بولۇپ، بۇ رايوندا لوپنۇر، كرورەن ۋە مىرەن قاتارلىق قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق ئىزلىرى جايلاشقان.

تارىختا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى لوپنۇر كۆلىگىچە ئېقىپ بېرىپ، ئۇ يەردىن قۇملۇققا سىڭىپ كىرىپ، تەكلىماكان چۆلىنىڭ شەرقىي جەنۇبى گىرۋىكىدىكى بوستانلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ كەلگەن ئىدى. ھالبۇكى، بىڭتۇەننىڭ بۇ رايوندا توغراقلىقلارنى قالايمىقان كېسىپ، ھەسسىلەپ بوز يەر ئېچىشى نەتىجىسىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغا كەلگەندە تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى ئۈزۈلۈپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن لوپنۇر كۆلىمۇ قۇرۇپ كەتكەن.

بىڭتۇەن 2-دېۋىزىيەسىنىڭ لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدەك بۇ مۇھىت پاجىئەسىدىن قىلچە ساۋاق ئالماي رايوندا داۋاملىق بوز يەر ئېچىشى مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرىدە كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلماقتىكەن.