ئۇيغۇر يېزىلىرىدا خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلماقتا
2020.01.22
خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى چاغان بايرىمى ھارپىسىدا ئۇيغۇرلار كەڭ كۆلەمدە چاغانلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللەنمەكتە.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىللىق چاغان بايرىمى ھارپىسىدا قەشقەر، خوتەن، ئاتۇش، ئاقسۇ قاتارلىق ئۇيغۇرلار مەركەزلىك تارقالغان جايلاردىكى ئۇيغۇر ئاممىسى خىتايچە يوسۇندا كىيىنىپ ياڭگېر ئۇسسۇلى ئويناش، ئەجدىھا ۋە شىر ئوينىتىش، خىتايلار بىلەن بىرلىكتە جۇۋاۋا تۈگۈپ يېيىش ئارقىلىق چاغاننى كۈتۈۋېلىشقا تەشكىللەنگەن.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» 22-يانۋار كۈنى تارقاتقان «شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا-قىشلاقلار قىزىلغا پۈركۈندى» ماۋزۇلۇق خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يامانيار يېزىسىدىكى ئامما «كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار» باش ئەترىتى تەشكىللىگەن چاغانلىق پائالىيەتلەر بويىچە خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ، يەلپۈگۈچ ئۇسۇلى، كۈنلۈك ئۇسۇلى ئويناشقا ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جۇۋاۋىسى» تۈگۈپ يېيىشكە تەشكىللەنگەن. رەسىملىك خەۋەردە، بىر خىتاي ئايالنىڭ ئۇيغۇر بالىسىغا جۇۋاۋا يېگۈزۈۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەردە، يوپۇرغا ناھىيەسى يوپۇرغا يېزىسى قايگۈل كەنتىدىكى «كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئەترىتى» نىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە چاغانلىق مەسنەۋى چاپلاپ، پانۇسلارنى ئاسقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلىدىن باشلاپ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى باشلاپ، ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قامىغان بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، خىتاينىڭ «چاغان بايرىمى»، «پانۇس بايرىمى» قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى داغدۇغا قىلىپ ئۆتكۈزۈشنىمۇ ماس قەدەمدە كۈچەيتكەن.
ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىلىق ئانتروپولوگ دەررىن بايلېر ئىلگىرى مۇشۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاغان پائالىيەتلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتىگە بولغان ساداقىتىنى سىنايدىغان بىر ئىمتىھان مەيدانى سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايچە بايراملارنى ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىشى ئۇلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە پائالىيىتىنى ئاشكارا ئىجرا قىلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.