خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» توغرىلىق يەنە جار سېلىشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.06.24

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزى چېن چۈەنگونىڭ رىياسەتچىلىكىدە كوللېكتىپ مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

يىغىندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى ۋە خىتاي تارىخى توغرىسىدىكى يوليورۇقلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىنغان. مەزكۇر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىنى مۇرەسسەسىز ئىجرا قىلىش، ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ سىياسىي ئىدىيە جەھەتتە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىشىنى تەلەپ قىلغان.

دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، مەزكۇر يىغىندا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى بەرپا قىلىش، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش» شوئارى يەنە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

چېن چۈەنگونىڭ بۇ سۆزلىرى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇشى، يالغۇزلا رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قىلىنغان زىيانكەشلىك بولماستىن، بەلكى ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ پرىنسىپلىرىغا ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى بىر مىلياردتىن ئارتۇق مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ھېسسىياتىغا قىلىنغان ھاقارەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. 2019-يىلى 16-نويابىر كۈنى «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «قەتئىي رەھىم قىلماسلىق» بۇيرۇقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا جامائەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ بىۋاسىتە شى جىنپڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بولغانلىقىنى. تونۇپ يەتكەن ئىدى.

ئامېرىكا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتىدىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.