خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە يەنە بىر گۇرۇپپا چەتئەل مۇخبىرلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتكە تەشكىللىگەن

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاش ھەققىدىكى كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق چەتئەل مۇخبىرلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتكە تەشكىللەپ، خەلقئارا بېسىمنى يەڭگىللىتىشكە تىرىشماقتا.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر 21‏-ئاپرېلدىن 29‏-ئاپرېلغىچە يەنە بىر گۇرۇپپا چەتئەللىك مۇخبىرنى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتكە تەشكىللەپ، ئۈرۈمچى، كورلا، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى بەلگىلىك ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان خەلقلەر قامالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ «كەسپوئىي ماھارەت مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى بۇراشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارەت گۇرۇپپىسىغا 24 دۆلەتتىن 39 نەپەر مۇخبىر قاتناشقان بولۇپ، دائىرىلەر ئۇلارنى جېجياڭ جىنشېڭ گۇرۇھىنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنى، ئۈرۈمچىدىكى مەسچىت، مۇقام ئانسامبىلى، ئىسلام ئىنستىتۇتى قاتارلىق جايلارنى، ئاقسۇ، كورلا قاتارلىق جايلاردا ئېكولوگىيەلىك باغچىلارنى، قەشقەر كونا شەھەردىكى ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار ئورنىنى، شۇنىڭدەك قەشقەر ۋە ئاتۇشتىكى «كەسپىي ماھارەت مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرغان.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بۇ جايلارنى كۆرۈپ ماختاپ كەتكەنلىكى يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى روب شېمىتىز 26 ‏-ئاپرېل كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ شىمالىي كورېيەدىنمۇ بەتتەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر 25‏-ئاپرېل كۈنى مۇخبىرلارنى قەشقەردىكى ئاتالمىش بىر «كەسپىي ماھارەت مەركىزى» نى كەزدۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ئورۇندىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا بىر يىلدەك بولغان بولۇپ، ھېچكىم ئۆزلىرىنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. بۇنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىدىكى ئامېرىكا «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ مۇخبىرى 22‏-ئاپرېل كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، «كەسپىي ماھارەت مەركىزى» دىكى ئۇيغۇرلاردىن سوئال سورالسا، ئۇلارنىڭ خۇددى يادلىۋالغاندەك ئوخشاش سۆزنى تەكرارلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.