قارا مايلى نېفىتلىكىدە «قېزىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۇرۇش» ئۇسۇلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

خىتاي سانائىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسى بولغان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنىڭ قېزىلىشىدا يېقىندىن بۇيان «تېز قېزىش» تېخنىكىسىنىڭ كۆپلەپ قوللىنىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 25-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى قارامايلى تەبىئىي گاز رايونى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا بىر قىسىم گاز قېزىش رايونلىرىدا خىتاي دائىرىلىرى تەبىئىي گاز قۇدۇقلىرىغا ئۇرۇلىدىغان بېسىمنى ئاشۇرۇش ۋە چوڭقۇر يەر ئاستىدا گازنى تېز سۈرئەتتە سوۋۇتۇش ئارقىلىق تەبىئىي گاز قېزىش سۈرئىتىنى بىراقلا نەچچە ھەسسە ئاشۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل يېڭى تېخنىكىلار قوللىنىلغاندىن كېيىن قارامايلى تەبىئىي گاز رايونىدىكى گاز مەھسۇلاتلارنىڭ قېزىلىش سۈرئىتى ۋە مىقدارى بىراقلا ئاشقان. بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئالىدىغان پايدىسى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا 220 مىليون سوم ئاشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.

ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى نېفت، تەبىئىي گاز قاتارلىق بۇ بايلىقلارنىڭ يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىق مەسىلىسىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئاخباراتلىرىدا ئىزچىل تەكىتلىنىپ كېلىنمەكتە.