خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن 320 ئوقۇغۇچىنى ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ئۈچۈن نۇقتىلىق تەربىيەلەيدىكەن

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن 320 نەپەر ئوقۇغۇچىنى دۆلەت تەستىقلىغان 9 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 2020-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بويىچە خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا قىسىملىرى، ئىستراتېگىيەلىك زاپاس قىسملىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىغا قوبۇل قىلىپ، نۇقتىلىق تەربىيەلەيدىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇنىڭغا ئىلتىماس قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم 2020-يىلى بىرلىككە كەلگەن مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئەرلەر ۋە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بولۇشى، 20 ياشتىن تۆۋەن، توي قىلمىغان بولۇشى كېرەككەن.

دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، خەۋەردە كاندىداتلارنىڭ چوقۇم ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇسلۇق بولۇشى ۋە سىياسىي جەھەتتىن تەلەپكە ماس كەلگەن بولۇشى شەرت قىلىنغان. ئۇلارنىڭ سىياسىي ئۆلچەمگە توشقان ياكى توشمىغانلىقى «پۇقرالارنى سىياسىي جەھەتتىن باھالاش جەدۋىلى» ناملىق جەدۋەل ئارقىلىق كاندىداتلار تىزىمغا ئالدۇرغان ناھىيە-شەھەرلەردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ باھالىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئارمىيە ۋە قوراللىق ساچغى قىسىملىرىغا مەخسۇس ئوفىتسېر تەربىيەلىشى دىققەت قوزغىماقتا. كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ جىددىيلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى سەۋەبلىك چېن چۈەنگو قاتارلىق 4 نەپەر خىتاي كومپارتىيە ئەمەلدارىغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» بويىچە جازا ئېلان قىلىنغان ئىدى.