ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تازىلاش» ھەرىكىتىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان «قارا كۈچلەرگە ۋە رەزىللىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ زور كۆلەمدە ئىجرا بولىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
«سوخۇ تورى» نىڭ 30-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىر كۈن ئاۋۋال «قارا كۈچلەرگە ۋە رەزىللىككە زەربە بېرىش» مەركىزىي ئىشخانىسىغا قاراشلىق 21-نازارەت گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كاتتىۋاشلىرى بىلەن ئۈرۈمچىدە مەخسۇس يىغىن ئاچقان. چېن چۇەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىدىن مەلۇماتلار بەرگەندىن كېيىن، 21-نازارەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سوڭ داخەن بۇ ھەرىكەت جەريانىدا سىياسىي مەۋقە، ئۇنىۋېرسال تۈزەش، چوڭقۇر قېزىش قاتارلىق ئالتە جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ھەمدە بۇنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەلىپى بويىچە ‹قارا كۈچلەرگە ۋە رەزىللىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى› نى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك زور بىر سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا ئىجرا قىلىش» ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن.
چېن چۇەنگو بۇنىڭغا قارىتا «مەركەزنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئەستە ساقلاپ، خىزمەتتە كۆرۈلگەن كەمتۈكلۈكنى تولدۇرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ‹قارا كۈچلەرگە ۋە رەزىللىككە زەربە بېرىش› نى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنىڭ روھى قانائەت تاپقۇدەك بەجا كەلتۈرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە باش قاتۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى،» دېدى.