بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى چېڭدۇدىن تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى لاساغا قاتنايدىغان ئىككىنچى تۆمۈريول لىنىيەسىنى ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مەزكۇر خەۋەر چەتئەللەردىكى تىبەت جامائىتى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىغان. ئۇلار بىردەك خىتاينىڭ تىبەتكە ئىككىنچى تۆمۈريول لىنىيەسىنى ئېچىشى، شەك-شۈبھىسىزكى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تىبەتكە سەلدەك ئېقىشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تىبەت ئېگىزلىكىنىڭ مۇھىتىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان ئۆلكە - سىچۈەندىن لاساغا ياسىلىدىغان ئىككىنچى تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1900 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، تەخمىنەن 13 سائەتتە يېتىپ بارغىلى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.
تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى لوساڭ جامكان بېيجىڭدىكى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا تىبەتكە ياسىلىدىغان ئىككىنچى تۆمۈريولنىڭ تىبەت خەلقىگە زور ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى پادما چولىڭ: «ئىككىنچى تۆمۈريول لىنىيەسى تىبەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ،» دېگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىبەتلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى غەلەت قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارىماقتا.