ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرمە سىستېمىسىغا 800 خىزمەتچى قوبۇل قىلىش گۇمان قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.08.05

خىتاي دائىرىلىرى 4-ئاۋغۇست كۈنى ئۈندىدار سۇپىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تۈرمە سىستېمىسىغا جەمئىيەتتىن 800 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ 530 نەپىرىنىڭ ئەرلەر بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇ كۈنى يەنە ئوخشاش ئۇچۇر مۇنبىرىدە جىڭ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە 66 نەپەر، كورلا ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ساقچى ئىدارىسىگە 90 نەپەر، قورغاس شەھىرىگە 110 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان بېرىلگەن.

ئېلاندا بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنىدىغان ساقچىلارنىڭ ئايلىق مائاشى 4000 سومدىن 8000 سومغىچە بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان بولۇپ، قوبۇل قىلىش سۈرۈكىنىڭ بىردەك «سان توشقىچە» بولىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. بەزىلەر بۇ ئەھۋالغا قاراپ «نۆۋەتتە ساقچىلىققا ئۆزىنى مەلۇم قىلىدىغان كىشىلەر كۆپ ئەمەس، يەنە كېلىپ ساقچى بولۇشنى خالايدىغانلار تېخىمۇ ئاز بولۇشى مۇمكىن» دېيىشمەكتىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ھەرقايسى جايلاردىكى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» نىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر پائاليەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتىكى ھەر بىر ناھىيەدە يۈزلەپ ساقچى قوبۇل قىلىشنىڭ بۇنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.