ئۇيغۇر دىيارىدا 2-ئاۋغۇست كۈنى يەنە 28 نەپەر كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارى بايقالدى

ئۇيغۇر دىيارىدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى داۋاملىق كۆپەيمەكتە. خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ 3-ئاۋغۇست كۈنى ئاشكارىلىشىچە، رايوندا 2-ئاۋغۇست كۈنى يەنە 28 نەپەر يېڭى يۇقۇمدار بايقالغان. خىتاينىڭ شۇ كۈنى مەملىكەت مىقياسىدا بايقالغان يۇقۇمدارلار سانى 43 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يۇقۇمدارلار تەخشكىل قىلغان. يۇقۇمدارلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى داۋاملىق ئۇيغۇر دىيارىدا بايقىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي داىرىلىرى يۇقۇمنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىپ باقمىدى. خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا 2-ئاۋغۇست بايقالغان يېڭى يۇقۇمدارلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئىكەن.

نۆۋەتتە داىرىلەر رايوندا بايقالغان ئومۇمىي يۇقۇمدار سانىنىڭ شۇ كۈنى 590 گە يېتىپ بارغانلىقى، ئۇلارنىڭ پەقەت 4 نەپىرىنىڭ باشقا جايلاردا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئىلگىرى شۈرۈشىچە، باشقا جايلاردا بايقالغان 4 نەپەر يۇرۇمدارنىڭ ئىككىسى قەشقەردە، بىرى بىڭتۇەندە، بىرى سانجىدا ئىكەن. خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇقشلۇق تەڭرىتاغ ۋە سايباغ رايونلىرىدا تېخىمۇ قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان.

مەھەللىلەر قامال قىلىنىپ، ئولتۇراق ئۆيلەر پېچەتلىگەن. ئاھالىلەرنىڭ تالاغا چىقىشى قەتئىي چەكلىنىپ، ئىشىكلەرگە سىگنال بېرىش ئەسۋابلىرىنى ئورنىتىلغان. قەيت قىلىنىشىچە، بۇ خىل ئەسۋاب ئورنىتىلغان ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى ئېچىلغان ھامان دەرھال ساقچىغا خەۋەر بېرىدىكەن. بۇ خىل رادىكال تەدبىرلەر چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىيىتىگە قارىتا گۇمان ۋە ئەندىشە قوزغىماقتا. ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، بۇ تەدبىر ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئاچارچىلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ۋۇخەندىمۇ بۇ خىل تەدبىرنى يولغا قويۇپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن ئىدى.