ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا كورونا ۋىرۇسى قايتا يامرىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ۋە شەھەرنى قامال قىلىش ۋەزىيىتىنىڭ ھەممىدىن ئېغىر ئىكەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 10-ئاۋغۇست تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، 9-ئاۋغۇستقىچە ئۇيغۇر رايونىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇمدار 21 گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئېنىق دىياگنۇز قويۇلغىنى 14 نەپەر، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگىنى 7 نەپەر ئىكەن؛ يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىغان چىققانلار 47 نەپەر، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ھەمدە كېسەللىك ئالامىتىنى كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 7 نەپەر، ئېغىر كېسەلدىن ئادەتتىكى كېسەلگە ئۆزگەرگەنلەر 2 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ئىكەن.
9-ئاۋغۇستقىچە ئۇيغۇر رايونىدا (بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يۇقۇمدار دەپ بېكىتىلگەنلەر 592 نەپەر (خەتەرلىك بولغانلىرى 13 نەپەر، ئېغىر بولغانلىرى 22 نەپەر) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن 589 نەپەر، قەشقەردىن 1 نەپەر، سانجىدىن 1 نەپەر يۇقۇمدار بار ئىكەن. كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدار 123 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن 122 نەپەر، سانجىدىن 1 نەپەر يۇقۇمدار بار ئىكەن. ھازىر 16 مىڭ 947 نەپەر ئادەم دوختۇرخانىدا كۆزىتىش ئاستىدا ئىكەن.
15-ئىيۇلدىن 9-ئاۋغۇستقىچە ساقىيىپ چىققانلار 185 نەپەر بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى يوقاپ، كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 78 نەپەر ئىكەن.