خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايوندىكى يۇقۇم ئەھۋالىدا تۆۋەنلەش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.08.13

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 12-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن 24:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر سانىنى 8 نەپەر، ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىنى 505 نەپەر، كۆزىتىش ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئادەم سانى 13548 نەپەر، دەپ ئېلان قىلدى.

يۇقىرىقى بۇ رەقەملەردە ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردىن تۆۋەنلەش كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئائىت ئىستاتېسكىلار ئىنتايىن چەكلىك بولۇش بىلەن بىرگە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇمنى تىزگىنلەش ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتقان تەدبىرلىرىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرىقى زورلۇقىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ يۇقۇم ھەققىدە ئېلان قىلىۋاتقان سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىشەنچلىك ئەمەس، دەپ قارىماقتا. مەسىلەن، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە يۇقۇملانغۇچى سانىنى 8، قەشقەردە يۇقۇملانغۇچى سانىنى ھەر كۈنى بىر نەپەر دەپ كۆرسەتسىمۇ، بىراق رايوندىكى قامالنىڭ ھېلىھەم ئاياغلاشماسلىقى دىققەت قوزغايدىكەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا تورى 13-ئاۋغۇست تارقاتقان ئىنگلىزچە خەۋىرىدە ئۈرۈمچىدىكى تەخمىنەن 4 مىليون ئاھالە ئۆيلىرىدە قامال ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بەزى ئاھالىلەر ئۆيدە ئۇزۇن مۇددەت قامالغاندىن كېيىن روھىي ساغلاملىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرىنىڭ تۈرلۈك ئاماللار ئارقىلىق كىشىلەرگە تور ئارقىلىق پىسخىكا ياردىمى بېرىۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنغان. بىراق كۆزەتكۈچىلەر خەۋەرنىڭ رايوندىكى يۇقۇمنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىنى يورۇتۇپ بېرىشتە رولى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.