ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى زور گۇمانغا سەۋەب بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.09.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 20-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى يېرىم كېچىگە قەدەر ھېچقانداق يېڭى بىمار بايقالمىغان. يېڭىدىن كۆپەيگەنلەر پەقەت 11 نەپەر ئالامەتسىز بىمارلار بولۇپ ئاساسلىقى ئۈرۈمچى، غۇلجا ۋە كورلا قاتارلىق جايلاردىن بايقالغان.

خەۋەردە ھازىرغا قەدەر پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بىماردىن ئىككى نەپەر بارلىقى ئېيتىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق يېقىندىن بۇيان تەكىتلىنىۋاتقان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كونترول قىلىنغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 21-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ھازىر غۇلجا شەھىرىدە «ئۈچ توختاش» (خىزمەت، تىجارەت ۋە مۇلازىمەت توختاش) ئارقىلىق باشقۇرۇلۇۋاتقان رايونلار سانىنىڭ تېزدىن ئازىيىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ كونتروللۇققا ئېلىنغانلىقى ۋاسىتىلىك ھالدا ئالغا سۈرۈلگەن. شۇ قاتاردا كۆپلىگەن مىكرو رايونلارنىڭ ئ‍ېچىۋېتىلگەنلىكى، نورمال ھاياتنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ھازىر تۇرپان، ئاقسۇ قاتارلىق باشقا جايلاردىمۇ كونتروللۇققا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ھالبۇكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىۋاتقان قىسقا فىلىملار ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇم كونترولى باھانىسىدە قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنغان قامال تەدبىرلىرىنىڭ ئېغىر ئاچارچىلىققا سەۋەبكار بولغانلىقىنى، شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا نۇرغۇن كىشىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، قامالنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىۋاسىتە تەستىقلايدۇ. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى ئېچىلىشقىچە بولغان مەزگىلدە «ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كېپىللىك قىلىش» ھەققىدىكى چاقىرىقلىرى بولسا نۆۋەتتىكى قامال تەدبىرلىرىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئ‍وتتۇرىلىرىغىچە داۋام قىلىشىدىن بېشارەت، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» شوئ‍ارى ئاستىدا رەھىمسىزلىك بىلەن ئىجرا بولغان قامال قىلىش چارىلىرىنىڭ قانداق ئېغىر پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى چەتئەللەردىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ خەۋەر قىلىنغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «يۇقۇم تەدبىرلىرى» نى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر «ئاچارچىلىق قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىغانىدى.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.