شەندۇڭدىكى بىر ئالىي مەكتەپ يېقىنقى 5 يىلدا قەشقەرگە 1800 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئەۋەتىپ بولغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.02.26

2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مائارىپ سېپىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ئېلىپ بارغان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن نۇرغۇن خىتايلارنى يۆتكەپ چىقىپ، تازىلاشتا ئۇيغۇرلاردىن بوش قالغان ئورۇنلارغا كەڭ كۆلەمدە سەپلىگەن ئىدى. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مائارىپ سېپىغا خىتايلارنى سەپلەش ھەرىكىتى ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا ئىكەن.

2018-يىلدىن بېرى خىتاينىڭ شەندۇڭ ‍ئۆلكىسىدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئۆزىدىنلا «نىشانلىق ياردەم بېرىش» نامىدا قەشقەرگە «ئوقۇتقۇچىلىق» ئۈچۈن يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 1800 ئاشقان. «شەندۇڭ مائارىپ تېلېۋىزيەسى» قانىلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2018-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ شەندۇڭنىڭ زاۋجۇاڭ شەھىرىدىكى «زاۋجۇاڭ ئىنستىتۇتى» دىن ھەر يىلى ئىككى تۈركۈمدە مەكتەپ پۈتتۈرگەن 200 ئوقۇغۇچى، 4 نەپەر يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ باشچىلىقىدا قەشقەرگە «ئوقۇتقۇچىلىق» قىلىش ئۈچۈن يۆتكەپ كېلىنگەن.

خەۋەرلەردە، ئاز كەم 6 يىل ئىچىدە بۇ ئىنستىتۇتتىن قەشقەرگە يۆتكەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 1800 دىن ئاشقانلىقى، بۇ كىشىلەرنىڭ قەشقەردىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، ئۆزىنى «ۋەتەننىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلىرى» غا ئاتىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە. لېكىن «شەندوڭ مائارىپ تېلېۋىزىيەسى» قانىلىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، قەشقەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ۋەزىپىسى «ئوقۇتقۇچىلىق» بىلەن چەكلەنمىگەن. ئۇلار يەرلىك بالىلارغا خىتاي تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «بەشكە كىرىش» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئاھالىلەر كومىتېتىغا، يېزا-كەنتلەرگە ۋە ھەتتا ئائىلىلەرگىچە كىرىدىكەن.

خەۋەردە، «زاۋجۇاڭ ئىنستىتۇتى» ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن پارتىيە سېكرېتارى سۆز قىلىپ، «بەشكە كىرىش» نىڭ مەكتەپ، ‍ئىدارە-جەمئىيەت، ئاھالىلەر كومىتېتى، يېزا-كەنت ۋە ئائىلىلەرگە كىرىش ئىكەنلىكى، بۇ كىشىلەرنىڭ «بەشكە كىرىش» ئارقىلىق يەرلىك ئاھالىلەر ۋە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلاپ ئۇيغۇر مائارىپ سېپىنى تازىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر تىلىنىمۇ مائارىپ سېپىدىن سىقىپ چىقارغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.