خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا خىتاي مائارىپ تارماقلىرى 2020-يىلىغا قارىتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن 3500 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى «غەربى قىسىم مۇلازىمەتچىلىرى» دېگەن نامدا ئۇيغۇرلار دىيارىغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 15-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنىدىغانلار ئاساسىي مائارىپ، يېزا ئىگىلىك، ساقلىقنى ساقلاش، ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ خىزمەت مۇددىتى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئاساسىي مائاشتىن سىرت نۇرغۇنلىغان قوشۇمچە ياردەم پۇللىرىنىڭ بېرىلىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ئەگەر ئۈچ يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرسە ئۇلارنى ئېتىبار بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلگەن.
بۇ خىلدىكى «غەربىي قىسىم مۇلازىمەتچىلىرى» قوبۇل قىلىش ئېلانىنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىڭتۇەنلەرگە قاراشلىق تارماقلارمۇ چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ خىلدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇرلار دىيارىغا كېلىپ خىزمەتكە چاقىرىق قىلىش دولقۇنىنىڭ 2003-يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى، بۇ جەرياندا 12 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا كېلىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىقى ئېيتىلىدۇ.
ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، جۈملىدىن ماگىستىرلىق ئۇنۋانلىرى ئالغان نۇرغۇن ياشلار ئىشسىزلىق ياكى لاگېرلارغا قامىلىش قىسمەتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولسا، يەنە مىڭلىغان ئۇيغۇر دېھقان ياشلىرى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دېگەن نامدا ئىچكىرىدىكى خىتاي زاۋۇتلىرىغا ئەرزان باھالىق ئەمگەك بولۇپ يۆتكىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە توختىلىپ بۇنىڭ ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يەتمىش يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان نوپۇس كۆچۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «روشەنكى، بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە تاجاۋۇزچى ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلغۇچى ئەمەلدارلىرى بولۇشقا كېلىدۇ. بۇ ھال مانجۇلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ مۇشۇ تەرىقىدە داۋام قىلىپ كەلمەكتە» دېدى.