ۋىيېتنام خىتاي بىلەن ئىشەنچ كېلىشىمى ھاسىل قىلغان كۈنى ياپونىيەنى مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلغان


ۋىيېتنام دائىرىلىرى جۈمە كۈنى خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالغاندا ئۆزئارا ئىشەنچ ئورنىتىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دەل ئوخشاش كۈندە ياپونىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - نويابىردىن باشلاپ ۋىيېتنامدا دۆلەت زىيارىتىدە بولغان بولۇپ، ۋىيېتنام دائىرىلىرى ئۇنى ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرسىتىپ قارشى ئالغان.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» تورىدا كۆرسىتىشىچە، ئىككى تەرەپ شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى جەريانىدا، ساياھەتچىلىك، يول قۇرۇلۇشى قەرز پۇلى قاتارلىق 12 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، ۋىيېتنام دائىرىلىرى شى جىنپىڭنى ئۇزىتا - ئۇزاتمايلا ياپونىيەنى ئىنسانىي ياردەم مانېۋىرنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋىيېتنام يەنە مانېۋىردىن كېيىن ياپونىيە ھەربىي پاراخوتىنىڭ ۋىيېتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىستراتېگىيىلىك بازىسى - كەم ران قولتۇقىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويغان.

ۋىيېتنامنىڭ بۇ بازىسى جەنۇبىي دېڭىزدىكى زىددىيەتلەرنىڭ مەركىزى بولۇپ كېلىۋاتقان سپراتېل تاقىم ئاراللىرى سۇ تەۋەلىكىگە ئىنتايىن يېقىن بولۇپ، بۇ بازىنى چەتئەل پاراخوتلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشى كەم ئۇچرايدىغان ئىش ئىكەن.

رېيتېرستىكى بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر مۇلاھىزىگە قارىغاندا، ۋىيېتنامنىڭ ئىشەنچ مەسىلىدە خىتاينى خاتىرجەم قىلغان كۈننىڭ ئۆزدىلا ياپونىيە بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە كېلىشىشى خىتاينى دۈشمەنلەشتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ۋىيېتناممۇ جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇق دەتالىشى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ سپراتېل ۋە پاراسېل ئاراللىرى تەۋەسىدىكى خادا تاشلارنى تىندۇرۇپ سۈنئىي ئاراللارنى ياساپ، ئۆزىنىڭ دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇ فىلىپپىن، مالايسىيا، بىرۇنېي ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.

شۇندىن كېيىن ئامېرىكا خىتاينىڭ مەزكۇر ئاراللىرىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئاراللار تەۋەسىگە 12 دېڭىز مىلى كېلىدىغان جايدىن ھەربىي كېمىسىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى.