خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانسىيەدىمۇ نامايىشچىلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 25-ئاۋغۇست باشلانغان 6 كۈنلۈك ياۋروپا زىيارىتىنىڭ ھەر بېكىتىدە ئۇيغۇر، خوڭكوڭ، تىبەت ۋە تەيۋەن نامايىشچىلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە. 28-ئاۋغۇست نورۋېگىيەدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ فىرانسىيەگە يېتىپ بارغان ۋاڭ يى بۇ يەردىمۇ كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچرىدى. ئۇيغۇر، خوڭكوڭ ۋە تىبەتلەرنى قوللايدىغان نامايىشچىلار 28-ئاۋغۇست ئەتىگەندە فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېنىدا نامايىش قىلغان.

نامايىشچىلار فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلىقلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىنى توختىتىشقا چاقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.

جۈمە كۈنى يەنە فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىمۇ فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېنىدا توپلانغان بولۇپ، شۇ كۈنى ياپونىيەنىڭ توكيو، ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايت، گېمانىيەنىڭ فرانكفۇرت، ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى زەنجىرسىمان نامايىشلارغا ئاۋاز قوشقان.

ئۇلار فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې دىرىياننىڭ ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەتلەرنى باستۇرۇشىغا ئاشكارا قارشى چىقىشىنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ يى 30-ئاۋغۇست كۈنى فىرانسىيە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى بىر پائالىيەتكە قاتنىشىدىكەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ شۇ كۈنى ۋاڭ يىغا قارشى يەنە يىغىلىش ئۆتكۈزۈدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.