گېرمانىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولۇۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى شۇ جايدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «ئۇيغۇرلاردىن ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى›دە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق ئىدىيەلىرىنىڭ زەھەرلىشىدىن خالاس بولۇپ، جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلدى. ھازىر ئۇ جايلاردا ھېچكىم قالمىدى» دېگەندىن كېيىن ئاخبارات ساھەسىنىڭ سوئاللىرىغا كۆمۈلۈپ كەتتى.
زىيارەت جەريانىدا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خايكو ماس ئۆزلىرىنىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ۋاڭ يىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە سوئال سورىغان. سۆھبەتتە ۋاڭ يى يەنە بىر قېتىم «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز. خەلقئارانىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھەققى يوق» دېگەن. خايكو ماس بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ «مەن ئۇنىڭدىن قايتا-قايتىلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ لاگېرلارنى تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشنى سورىدىم» دېگەن.
«ئەل جەزىرە» قانىلىنىڭ 1-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى چېخ جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ۋاڭ يى «چېخ ھۆكۈمىتى بۇ قىلمىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ» دېگەن. خايكو ماس بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېيتقان بۇ سۆزلەرنىڭ دىپلوماتىيە يوسۇنىغا چۈشمەيدىغان «تەھدىت» ئىكەنلىكىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئۆزئارا باراۋەرلىك ۋە ھۆرمەتنىڭ ئاساس قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
«فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ 1-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋاڭ يى زىيارەتكە كەلگەن كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سىرتىدا ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنى قوللىغۇچىلارنىڭ زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق)نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ۋاڭ يىنىڭ ‹لاگېرلار تاقالدى. ھازىر ئۇ جايدا ھېچكىم قالمىدى› دېگەن سۆزلىرى قىپقىزىل يالغان. ئۇلار كونا مۇقام بويىچە يەنە بىر قېتىم كۆز بويامچىلىق قىلىپ دۇنيانى ئالدىماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېدى.