«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 3-سېنتەبىر كۈنى «جازا لاگېرلىرىغا ئائىت يېڭى ئىسپاتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئىرادىسىنى يەنىمۇ قەتئىيلەشتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە» ماۋزۇلۇق بىر پارچە تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلدى.
مەزكۇر ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدە جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ چىنلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يەنىمۇ كۆپ دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار بۇنىڭدا ئاساسلىق ئالدىنقى ھەپتە، يەنى 27-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكادىكى «BuzzFeed» ناملىق خەۋەر تورى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ چىقىلغان يېڭى بايقاشلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ، تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «BuzzFeed نىڭ يېڭى بايقاشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىمۇ قاتتىق ئىرادىسىنى ۋە مەڭگۈلۈك پىلانىنى نامايان قىلىدۇ. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتقان.»
«BuzzFeed» خەۋەرلەر تورى ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ سانى ۋە ئورنىغا ئائىت بىر پارچە يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇلار گۇگۇل سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى ۋە خىتاينىڭ «بەيدۇ» تورىدىكى سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ۋە شۇنداقلا لاگېر شاھىدلىرىنى زىيارەت قىلىش نەتىجىسىدە، 2017-يىلدىن بۇيان رايوندا ياسالغان 260 دىن ئارتۇق لاگېرنىڭ ئورنىنى تېپىپ چىققان ئىدى.
ئۇلار خىتاينىڭ «بەيدۇ» تورىدا خەرىتىدىن «ئۆچۈرۈۋېتىلگەن» ئورۇندىن 50 مىڭدىن ئوشۇقنى بايقىغان ۋە تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى، تۈرمىلەر ۋە لاگېرلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بار بولغان 10 مىڭغا يېقىن ئورۇننى نۇقتىلىق تەكشۈرگەن. ئىدى. ئۇلار خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنداق ئەسلىھەلەرنىڭ كۆلىمىنىڭ ھېلىھەم كېڭەيتىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك-نازارەت تەدبىرلىرىنىڭ يەنىمۇ قاتتىقلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تەھرىرات ھەيئىتى ماقالىسىدە مانا بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «بۇ يېڭى بايقاشلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقىلارنىڭ خىتاينى تەنقىدلىشى ۋە جازا تەدبىرى قويۇشى خىتاينىڭ زۇلۇملىرىنى ئاستىلىتالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. دېمەك، يەنىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىش كېرەك. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك تەشكىلاتلىرى شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ ئېلان قىلغان بارلىق تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشى كېرەك.»
مەزكۇر تەھرىرات ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خىتاب قىلىپ، مۇنداق دەپ يازغان: «پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئۆز ئىچىدىكى بىر خەلقنى پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئاستا-ئاستا بوغۇۋاتقان خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغان ئەخلاقىي سالاھىيىتى بارمۇ، دېگەن سوئالنى سورىشى كېرەك. بىز ‹خىتايدا بۇنداق سالاھىيەت يوق، › دەپ قارايمىز.»