ئۇيغۇرلار خوڭكوڭ نارازىلىق نامايىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى

2-سېنتەبىر ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا تەشۋىقات پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە خوڭكوڭدا ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان نارازىلىق نامايىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. پائالىيەتتە يەنە خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىغا قوللىنىلىۋاتقان زوراۋانلىقلار ئەيىبلەندى.

مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىرادە قەشقەرى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە ئاساسلىقى ئۇيغۇر ياشلىرى ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتى، لاگېر تۈزۈمى، خوڭكوڭدىكى نامايىش ۋە ئۇلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقلار بايان قىلىنغان رەسىملەر چاپلانغان بىر ئۇچۇر تېمى ھاسىل قىلىندى. ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتى ۋە خوڭكوڭ نامايىشى ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىلدى.

پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ قارا قولىنى خوڭكوڭ خەلقىگە سۇنغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئەندىشەلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئۇلار بۇ پائالىيەت ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زۇلۇمىدا ئىڭراۋاتقان ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭلۇقلار ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ دىققەت تارتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈپ، بىر مىليوندىن ئىككى مىليونغىچە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى لاگېرلارغا قامىدى.

ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارا دىققەت مەركىزى بولۇۋاتقان مەزگىلدە خوڭكوڭ خەلقى خوڭكوڭدا ماقۇللىنىش ئالدىدا تۇرغان «جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى» غا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش باشلىغان.

نامايىش داۋام قىلىۋاتقىنىغا ھازىر 80 نەچچە كۈندىن ئاشتى. خوڭكوڭ دائىرىلىرى مەزكۇر قانۇننىڭ ۋاقتىنچە توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما قانۇننىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىمىدى.