غەرب كۆزەتكۈچىلىرى: ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبى ئىقتىسادىي باراۋەرسىزلىك

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاتالمىش دىنىي ئاشقۇنلارغا دۆڭگەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، غەرب كۆزەتكۈچىلىرى ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبى رايوندىكى ئىقتىسادىي باراۋەرسىزلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

رويتېرستا خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك ئۇيغۇرلار ئىش تېپىشتا كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىن نەچچە مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ بۇ جايغا كەلگەن كۆچمەنلەر ئىنتايىن تىزلا خىزمەت تاپالايدىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە يېڭى كەلگەن شى فامىلىلىك بىر خىتاي كۆچمەن مۇنداق دېگەن: بۇ يەردە كىرىم ياخشى بولغاچقا شۇنچە يول يۈرۈپ كەلدۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئاز، ئۇلار بۇ يەردىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ تۈگىتەلمەيدۇ.

ھالبۇكى، يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىغا قارىماي، بۇ يەردىكى خىزمەتلەرنىڭ خىتاي ئاققۇنلارغا بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئېلى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش مۇنداق دېگەن: بۇ يەردە سىرتتىن كەلگەنلەر ئىنتايىن كۆپ، ئۇلار ئىش ئىزدەپ كەلگەن. ئەمما ئىش ئورنى ئۇنچە جىق ئەمەس.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خوڭكوڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور باري سائۇتمان: خىزمەت تېپىشقا كەلسەك، سەۋىيىسى يۇقىرى ئۇيغۇرلارمۇ قاتتىق چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ، يەنىلا كۆپلىگەن خىزمەت ئورۇنلىرى خىتايلار بىلەن تولدۇرۇلىدۇ، دېگەن.

ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرۈلگەن قارشىلىق ۋەقەلىرىدە 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كۈنمىڭ ۋوگزالى ھۇجۇمى ۋە ئۈرۈمچى ۋوگزالى ئادەمبومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 30 نەچچە ئادەم ئۆلگەن، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنى ئۇيغۇر دىنىي ئاشقۇنلار سادىر قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.