«دۆلەت مەنپەئەتى» ژورنىلى: «ئۇيغۇرلار كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ جىددى تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.02.21

خىاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كورونا ۋىرۇسنىڭ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان مەزگلدە چەتئەلللىك بەزى مۇتەخەسسىسلەر ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ جىددىي تەھدىتىگە ئۇچراتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكادىكى لۇئىسۋېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە پەنلىرى پروفېسسورى پائۇل ئېۋالد بىلەن ئەنگىلىيە كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتور ئاسپېرانتى جوناتان گۇدمەن 20‏-فېۋرال كۈنى ئامېرىكادىكى «دۆلەت مەنپەئەتى» ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغان. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ رايوندىكى لاگېرلار ۋە باقمىچىلىق فېرمىلىرى كورونا ۋىرۇسىنىڭ شەكىل ياساپ تېخىمۇ ئەجەللىك ۋىرۇسقا ئايلىنىشىغا ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن. مەزكۇر ماقالە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بېرى رايوندا ھېچقانداق يېڭى يۇقۇمدار بايقالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋىرۇسنىڭ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-سالامەتلىك كومىتېتىنىڭ 21‏-فېۋرال ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا قەيت قىلىنىشىچە، ‏20‏-فېۋرال كۈنىمۇ رايوندا ھېچقانداق يېڭى يۇقۇمدار بايقالمىغان. ئۇقتۇرۇشتا ھازىرغىچە بايقالمان 76 نەپەر يۇقۇمداردىن بىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 22 سىنىڭ داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇقتۇرۇشتا قەيت قىلىنىشىچە، قېلىپ قالغان 53 نەپەر يۇقۇمدارنىڭ 12 نەپىرى ئۈرۈمچىدە، 22 نەپىرى ئىلىدا، قالغانلىرى سانجى، تۇرپان، بورتالا ۋە بىر قىسىم بىڭتۇەن دىۋىزىيەلىرىدە ئىكەن. 

يەرلىك دائىرىلەر مەزكۇر رايوندا ۋىرۇسنىڭ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەۋاتان مەزگىلدە رادىيومىز غۇلجانىڭ دۆڭمازار بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇرنىڭ كورونا ۋىرۇسىدا يۇقۇملىنىپ، دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغانلىقى، بۇ ئائىلىدىكى 3 كىشىنىڭ كارانتىنغا ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارلىغان ئىدى. «دۆلەت مەنپەئەتى» ژورنىلىدىكى ماقالىدە ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تارقىلىشىنى توختىتالمىسا، بۇ ۋىرۇس ئۆزگىرىش ياساپ، 1918‏-يىلى تارقالغان زۇكام ۋىرۇسىدەك خەتەرلىك تەھدىتكە ئايلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.