ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 10-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان سودا سۆھبىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە چاقىرغان.
باياناتتا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا دىنىي جامائەتلەرنىڭ جازالاشقا ئۇچراۋاتقانلىق مەسىلىسىنى ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې بىلەن سۆزلىشىشى تەلەپ قىلىنغان. باياناتتا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلاردىن 3 مىليوندەك كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى» نى تەكىتلەنگەن. بۇ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىدىن كېيىن خىتاينىڭ 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىككىنچى بىر ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانىدۇر.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى رەندى شرايۋېر يېقىندا خىتاينىڭ 3 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا قامىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ خەلقئارا تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
باياناتتا يەنە مەزكۇر كومىتېتنىڭ كومىسسارى گەرىي بەئېر «نۆۋەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش ھەرىكىتى، بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىۋاتقان دىنىي ئەركىنلىكنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىش ھادىسىسى»» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە دىنلارنىڭ باستۇرۇلۇشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سۆھبەت كۈنتەرتىپىگە ئېلىنىشى كېرەك. بۇ مەيلى مۇسۇلمان، مەيلى بۇددىست، مەيلى خرىسىيان ياكى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى بولسۇن، ھەر بىر ئەر ۋە ھەر بىر ئايالىنىڭ ئۆزى خالىغان شەكىلدە ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت ھەق-ھوقۇق مەسىلىسىدۇر. خىتايدىكى مىليونلىغان خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ئەركىنلىكى ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا بىز دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئۇنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كىرىشىمىز كېرەك.»
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خىتاينى «دىنىي ئەركىنلىكى ئالاھىدە كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈشنى، شۇنىڭدەك چېن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا قويۇشنى تەكلىپ قىلغان ئىدى.