مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 13-ماي، سەيشەنبە كۈنى 2014-يىللىق خەلقئارا تەن جازاسى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى 23 دۆلەتتىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن بۇ رايوندا تەن جازاسىنىڭ ئومۇمىيلىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. خىتاي، شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردە گۇماندارلارنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ئەھۋالى ئېغىرلاشقان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، ئاسىيا -تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەردە تەن جازاسى ئىجراچىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان جازاغا تارتىلمىغانلىقى ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈنمۇ ھېچقانداق تۆلەم بېرىلمىگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، بۇ دۆلەتلەر ھۆكۈمىتىدىن قانۇنىي بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق تەن جازاسىنى چەكلەشنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان.